ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى MS-DOS قا كىرگۈزۈش ۋە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى ياساش ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەن ياسىلىشىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى ياراتقان شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى MS-DOS ،Windows 3.1 ،Windows 95/97 ،Windows 98 ،Windows 2000 ۋە Windows XP لەردە ھەر خىل نام، ھەر خىل «ئۆلچەم» لەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرچە Unicode ئىشلەتكەن ئەڭ دەسلەپكى خەت نۇسخىلىرى 2002- يىلى ئىيۇندا بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ سانى ۋە ناملىرىمۇ كۆپىيىپ (تولۇقسىز سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە خىل خەت نۇسخىسى 500 نەچچە خىل ئوخشىمىغان نامدا ئىشلىتىلگەن) بىر قىسىم قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىققان. جەمئىيىتىمىز ئۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە خەت نۇسخىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىيار قىلغان خەتتاتلار، كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى، شىركەتلەر ۋە باشقا ئەزالاردىن پىكىر ئالغان. شۇ ئارقىلىق، 2004- يىلى دېكابىر ئېيىدا ئاشۇ خەت نۇسخىلىرى تۈنجى قېتىملىق رەتلەش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ناملىرى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
2006- يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ 2-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش ئېلىپ بېرىلىپ بۇرۇنقى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ناملىرىغا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، بۇرۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزەش، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىمۇ قوشۇش، باسمىدا ئىشلىتىدىغان بەلگىلەرنىمۇ تولۇقلاش، ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش قاتارلىق تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن.
2- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش جەريانىدا ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش مەقسىتىدە قوشۇلغان بەزى ھەرپلەر 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلى بويىچە خەت كىرگۈزمەيدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر تەرىپىدىن خاتا ئىشلىتىلىپ قېلىپ ئوخشىمىغان تەتقىقاتچىلار ياسىغان خەت نۇسخىلىرىدا «كود توقۇنۇشى» كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، 2008-يىل ئاخىرىدىن 2010-يىل ئاخىرىغىچە 3-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش ئېلىپ بېرىلدى.
此处可能存在不合适展示的内容,页面不予展示。您可通过相关编辑功能自查并修改。
如您确认内容无涉及 不当用语 / 纯广告导流 / 暴力 / 低俗色情 / 侵权 / 盗版 / 虚假 / 无价值内容或违法国家有关法律法规的内容,可点击提交进行申诉,我们将尽快为您处理。